ھەر قېتىم بالىلىقىمنى ئەسلىگىنىمدە مېنى ھازىرقىدەك ياخشى شارائىتقا ئىگە قىلغان ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان مىننەتدارلىقىم ئۇرغۇپ تاشىدۇ.
مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھىمايىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر قىز، كىچىك ۋاقتىمدا دادام ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا ئىچىمدە ئۇلۇغۋار پىلانلىرىم بولسىمۇ ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشكە ئانچە ئىشەنچ قىلالمايتتىم، ھەتتا يۇرتىمىزدا بىز تۈگۈل ئاتا-ئانىسى بار بالىلارمۇ ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە ئوقۇيالىسا خېلى چوڭ ئىش ھېسابلىناتتى، يېزىمىزنىڭ شارائىتى ناچار بولۇپ قورسىقىمىز تويسىلا باشقا ئىشلاردىن غەم يېگۈدەك ھالىمىز يوق ئىدى. ھەتتا سۇنىمۇ نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن ئەپكەشتە كۆتۈرۈپ ئەكىلىشكە توغرا كېلەتتى، جاپا تارتىپ ئەكەلگەن سۈيىمىز نەدىمۇ ھازىرقىدەك ئىچىشلىك بولسۇن. ئېرىقتىن كەلگەن سۇنى كۆلگە باشلىۋېلىپ ئۇزۇن مەزگىل ئىچىشكە توغرا كېلەتتى، كۆلدە ئۇزۇن تۇرۇپ سېسىپ كەتكەن غازاڭ ۋە باشقا چۈشكەن نەرسىلەرنىڭ سەۋەبىدىن كۆل سۈيىنىڭ رەڭگى سارغۇچ تەمى قىرتاق بولۇپ ئۇچار قۇش ۋە مال چارۋىلار بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىشكە توغرا كېلەتتى. نۇرغۇن يۇرۇتداشلىرىمىز جىگەر كېسىلى قاتارلىق سەۋەپسىز كېسەللەرگىمۇ مۇپتىلا بولۇپ تۇراتتى، ئۆيلىرىمىزدىكى جىن چىراغ نۇرىدا بىر بىرىمىزنى پەرىق ئىتىشمۇ قىيىن ئىدى، كاڭدىن چىققان ئىس تۈتۈنمۇ كۆزنى ئېچىشتۇرۇپ ھالىمىزنى قويمايتتى، ھەتتا ھازىرقىدەك پاكىز يود تەركىبى يۇقىرى مۇنداق تۇزلار بولمىغاچقا شورتۇز ئىچىشكە مەجبۇر بولۇپ پوقاق بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، ئۆيلەر بولسا توپىدىن لاي قىلىپ سېلىنىدىغان بولغاچقا ھەتتا مۇنداقلا يەر تەۋرىسىمۇ چاك-چاك كېتىدىغان بولۇپ چاك كەتكەن يەرلەردىن غۇرۇلداپ شامال كىرىپ ئۆينى ئىسسىتىشمۇ قىيىنغا توختايتتى، شۇنداق قىيىن شارائىتلار ئىچىدە كېچىدە ئاقار يۇلتۇزنى كۆرگەندەك بىر يورۇقلۇققا ئېرىشتىم. «قانداق ئاقار يۇلتۇزدۇر؟» دەپ ھەممىڭلار قىزىقىۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن، ئۇنداقتا داۋامىغا داۋاملىق كۆز يۈگۈرتۈڭلار.